باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى تاموژنا بېجى مەھكىمىسى چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىش بېجىنى تەڭشىدى، 9- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2019.04.09 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىكى تاموژنا بېجى مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىمپورت ۋە ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى 4- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىش بېجى ( ئادەتتىكى ئاتىلىشى" يۈك-تاقلار ۋە پوچتا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش بېجى")نى تەڭشەشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، باج تۈرى 1- ۋە 2- نىڭ باج نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھازىرقى %15 ۋە %25تىن %13 ۋە %20كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، باج تۈرى 1- دىكى «دورا»لارنىڭ ئىزاھاتى مۇنداق تۈزىتىلدى: دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە %3 بويىچە ئېلىنىدىغان ئىمپورت ھالقىلىرىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنىدىغان ئىمپورت دورىلىرى (نۆۋەتتە،بۇلار راكقا قارشى دورىلار ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن مال باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىنىدۇ .

  گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «" يۈك-تاقلار ۋە پوچتا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش بېجى"» بولسا، شەخسلەر يېنىدا ئېلىپ ماڭغان، ياكى پوچتا ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن بۇيۇملارنىڭ تاموژنا بېجى، ئىمپورت ھالقىلىرىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان ئىمپورت بېجى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى ساقلاش ئۈچۈن،" يۈك-تاقلار ۋە پوچتا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش بېجى"دىكى ھەر قايسى باج تۈرلىرىنىڭ باج نىسبىتى شۇ باج تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن تاۋارغا ئوخشاش ئىمپورت ماللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال باج نىسبىتى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىمپورت ماللىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، %16 ۋە %10تىن %13 ۋە %9كە تەڭشەلدى؛ ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنىدىغان دورىلار 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى %3 بويىچە ئېلىنىدۇ. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىم نۇقتىلىق ھالدا، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ" يۈك-تاقلار ۋە پوچتا بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش بېجى" نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى، يېمەكلىك قاتارلىقلارغا ئائىت باج تۈرىدىكى1- گە تەۋە بولغان بۇيۇملارنىڭ باج نىسبىتى %15تىن %13كە چۈشۈرۈلدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %13كە يەتتى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغا ئائىت باج تۈرى 2- گە تەۋە بۇيۇملارنىڭ باج نىسبىتى %25تىن %20كە چۈشۈرۈلدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %20كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارلارنىڭ باج كېمەيتىشنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىمپورت دورىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى بىردەك قىلىپ، بىرقەدەر تۆۋەن باج نىسبىتى (مال بېجى نىسبىتى) بويىچە باج ئېلىنىدىغان دورا دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر