باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى

2019.04.09 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 8-ئاپرېل ئېلان قىلغان «2019-يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر» دېيىلىدۇ)دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئېلىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى داۋاملىق زورايتىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 1 مىليوندىن تۆۋەن ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا، شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 3 مىليون 5 مىليونغىچە بولغان چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ، شۇنداقلا نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  «نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسقا ئالدۇرۇش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، جەملىمە نومۇر تۈرىنى ئىخچاملاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان يىل چەكلىمىسى ۋە ئولتۇراقلاشقان يىل چەكلىمىسى نومۇرىنىڭ ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر پەرقلىق، تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن يېزا نامرات ئاھالىلىرىنى نوپۇسقا ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  دائىملىق نوپۇسنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، «نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئارزۇسى بار نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق نوپۇسلارنى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىگە ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، جايلار ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە قولايلىق تۈرلىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇ يىل يەنە «ئادەم، يەر، پۇلنى باغلاش» قاتارلىق يانداش سىياسەتلەر چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەنى يۆتكەپ چىقىم قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش سانى كۆپرەك ئويلىشىلىپ، 2019-يىلى مەركەز مالىيەسى مۇكاپات مەبلىغى نوپۇسقا ئالدۇرغانلار كۆپ جايلارغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر