باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان

2019.04.09 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا 2018-يىلى 4-پەسىللىك دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلارنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش مۇندەرىجىسى تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي بايلىق ياكى ھوقۇققا تايىنىپ ھەق ئېلىش قاتارلىق ئىشلار نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى. قىسمەن رايونلار ۋە تارماقلار ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.

  13 رايوندىكى 13 ئورۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مالىيە مەبلىغى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باھالاش، تەستىقلاش خىراجىتىنى كارخانىغا ئارتىپ قويغان ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى سۇپىسى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا 44 مىليون 495 مىڭ 600 يۈەن ھەق ئالغان؛ سەككىز رايون ۋە تارماقتىكى 43 ئورۇن مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، مونوپول تىجارەت قىلىش، سېلىق سېلىش، باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 58 مىليون 584 مىڭ 400 يۈەن ھەق ئالغان؛ سەككىز رايوندىكى توققۇز ئورۇن كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلمىگەن ياكى مەسئۇل تارماق بىلەن ئالاقىنى ئۈزمىگەن ئەھۋالدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەسئۇل تارماقنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىغا ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە 87 مىليون 150 مىڭ 800 يۈەن ھەق ئالغان؛ 27 رايون ۋە تارماقتىكى 117 ئورۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 21 خىل كاپالەت پۇلى ئۈچۈن 4 مىليارد 851 مىليون يۈەن يىغقان ياكى ۋاقتىدا قايتۇرمىغان.

  بىر قىسىم رايونلاردا «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەركەزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سودا، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن؛ 45 رايوندا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىدىن ھەق ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغان ئىشلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاش، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا ئەنگە ئالدۇرماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر