باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرىنى سايلاپ چىقىدۇ

2019.04.09 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى بىرلىكتە «‹گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرىنى سايلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «گۈزەل جۇڭگو، مەن ھەرىكەت قىلغۇچى» ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى باشلانغان بولۇپ، يېقىنقى بىر يىلدا قاتنىشىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرىدىغان نۇرغۇن جانلىق مىساللار بارلىققا كېلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرى بارلىققا كەلدى.

  تىپىكلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ئاساسىي قاتلام كۆرسىتىش، ئامما ئاۋاز بېرىش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت پائال تەشكىللىگەن ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان 100 مۇنەۋۋەر پىدائىينى سايلاپ چىقىپ، «ئەڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش پىدائىيسى» دېگەن نامنى بېرىدۇ، 6- ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى مۇھىت كۈنىدە تىزىملىك جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر