باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستاندا 6- ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2019.04.10 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:قازاقىستان زۇڭتۇڭى توكايېف 9- ئاپرېل تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋاقتىنى 6- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە ئالدىغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىگە ئاساسلانغاندا، توكايېف مۇنداق دېگەن: قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېف بىلەن، ھەمدە پارلامېنت ئىككى پالاتاسىنىڭ باشلىقى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار رەھبەرلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، 6ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىگە توختىتىش قارار قىلىندى.

  توكايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىياسىي ئىشلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ۋەزىپىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بارلىق ئېنىقسىز ئامىللارنى تۈگىتىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتىدۇ، قازاقىستان ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى، مۆلچەرلىنىشچانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇڭا، مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر