خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ «قېرىنداشلار دولقۇنى» دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرما تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى بۇرۇنقىدەكلا كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- بىرما ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، رايون مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرما ھەربىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئىككى ئارمىيە ئەمەلىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدىغان ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى