باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرلىكتە «يەتتە تۈرلۈك ھەرىكەت»نى ئىلگىرى سۈردى

پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ

2019.04.11 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 36 جەدۋەلنى ئىخچاملاپ 6 پارچە قىلىپ بىرلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار قالپىقىنى ئىخچاملاش، «ماتېرىيالنى بىر قېتىمدىلا يوللاش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش. . . دېمەك، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى بۇغۇپ تۇرغان ئىلگىرىكى مۇرەككەپ قائىدە-يوسۇنلار بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ .

  پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا «پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى يەتتە تۈرلۈك ھەرىكەت»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكە كىرىشتى.بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ئاساسلىقى پەن تەتقىقاتى باشقۇرۇشى جەريانىدا جەدۋەل كۆپ بولۇش، ئاتچوت قىلىش مۇرەككەپ بولۇش، ماركا قالايمىقان بولۇش، تەكشۈرۈش كۆپ بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ ۋە ئېنىقلاپ، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلدى. نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئائىت بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، بەزىلىرىدىن باسقۇچلۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  «پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى يەتتە تۈرلۈك ھەرىكەت» بولسا، تۆت تارماقنىڭ پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈم كۆرۈشىدىكى تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلىرى بولۇپ، ئۇ تەدبىرلەر تۆۋەندىلەرنى، يەنى، جەدۋەللەرنى كېمەيتىش، ئاتچوت قىلىش مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋىۋىسكىلارنى ئىخچاملاش، «ئىلمىي ماقالە، ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى، مۇكاپات تۈرىلا مۇھىم» بولۇش مەسىلىسىنى ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئاۋامنى غەملەشتىكى پەن تەتقىقات ئىسلاھاتى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يەتتە تۈرلۈك ھەرىكەتتە ھەل قىلىنىدىغىنى «قاتتىق سۆڭەك» مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئاساس قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىشلىرى قولايسىزمۇ-قانداق، ئۇلار رازىمۇ ياكى رازى ئەمەسمۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر پەن تەتقىقاتتىكى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر