باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 396 مىڭ ئادەم قېتىم تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىدى

2019.04.11 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل 1-پەسىلدىكى مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى كېڭىشىپ تەھلىل قىلدى. تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، 1-پەسىلدە ئېلىمىزدە كۆرۈلگەن بوران-مۆلدۈر، گېئولوگىيەلىك ئاپەت، ئورمان ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش ۋە قار ئاپىتى ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتتە مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 396 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئاپەتكە ئۇچرىدى، 87 ئادەم ئۆلدى، 13 مىڭ ئادەم (قېتىم) جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 900 نەچچە ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، 11 مىڭ ئېغىز ئۆي ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، 86 مىڭ ئېغىز ئۆي ئادەتتىكىچە بۇزۇلدى؛ 711 مىڭ گېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھوسۇل ئېلىشقا ئامالسىز قالغان كۆلەم 13.4 مىڭ گېكتار بولۇپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 2 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئاپەت ئەھۋالى يېقىنقى بەش يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يېنىك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالە، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ سانى ۋە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئايرىم-ئايرىم %85، %82 ۋە %73 ئازايدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر