باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويدى

«گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2019.04.11 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش- تاپشۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامىنىڭ 8- ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، بېجىرىش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، توردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر كىنىشكا، بىر كود» تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، بۇ نىزامنىڭ 8- ماددىسىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلدى.

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋە ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، شەھەر يولىنى قېزىشنى تەستىقلاش ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتى بېجىرىپ بېرىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامىنىڭ 15- ماددىسى، شەھەر ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى تىجارىتىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ 8- ماددىسى، شەھەر يولىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ 33-ماددىسى، شۇنىڭدەك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ 13-، 14-، 15- ماددىلىرىدىكى بېجىرىش سۇبيېكتلىرىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلار ياكى قەغەز ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  2013-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىركەت قانۇنىدىكى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىغا مەسئۇل تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا شەھەر ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى ۋە تىجارىتىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ 8- ماددىسىنىڭ 3-تارماقچىسى چىقىرىۋېتىلدى.

  توردا تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازىتىنى بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئالاقە تورىدا تورغا چىقىش مۇلازىمىتى تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ 11-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى»نى بېجىرىش جەريانىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە چىقىرىۋېتىلىپ، تور ئارقىلىق ئالاقىدار تەستىقلاشنى بېجىرىشتە قانۇن توسالغۇسىنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر