خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 8- كۈنى نيۇيوركقا جايلاشقان ب د ت باش ئىشتابىدا، يى ياڭچيەنشى (ئوتتۇرىدا) ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش ياشلار مۇنبىرىگە قاتناشتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو ساغلاملىق ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو ناخشا ئېيتىش گۇرۇپپىسى T F B O Y Sنىڭ ئەزاسى يى ياڭچىيەنشى 8- چېسلا ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش ياشلار مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى