سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىردا سۈرەتكە تارتىلغان بىن سالاھ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالجىرىيە پارلامېنتى 9-ئاپرېل ئالجىرىيە مىللىي پالاتاسى (كېڭەش پالاتاسى)نىڭ باشلىقى بىن سالاھنى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلىدى.
ئالجىرىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالجىرىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى پالاتانىڭ 487 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە 453 كىشى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە قوشۇلغان. ئالجىرىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇتفلىكا مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئالجىرىيەدە بىن سالاھ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى