- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن كېيىن تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەيدۇ، يېڭى بىر ھەپتىدە شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن تەدرىجىي ئازىيىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20 بولىدۇ
2019.04.09 16:12 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياڭ خۇيمېي خەۋىرى: بۇ يىلقى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۆل-يېغىن ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى ئۆزىگە «ھەمراھ قىلىپ» شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى، ئۈرۈمچىمۇ بۇ يىلقى تۇنجى باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋالدى. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا ئېلىپ كەلگەن ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايىمۇ تەدرىجىي ئاياغلىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلىنىدىكەن. تېمپېراتۇرا «بىر تۈز سىزىق بويىچە» ئۆرلەپ 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگە بارغاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا قايتىدىن ℃20 بولىدىكەن.
كەلگۈسى بىر ھەپتىدە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى ئاياغلىشىپ، شامال كۈچىمۇ بارغانچە ئاجىزلايدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلاردا يەنىلا چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر