باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش توپلىمى» نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

2019.04.10 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش توپلىمى»نى تۈزدى، يېقىندا بۇ توپلام جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.

  بۇ توپلامدا 12 مەخسۇس تېما بويىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، روھىي ماھىيىتى شەرھلىنىپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان جۇڭگونىڭ ئەسلىي ئىجادىي تۆھپىسى چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇ ئىدىيەگە مۇجەسسەملەنگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئانالىز قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ماركسىزم، 21- ئەسىردىكى ماركسىزم بولۇشىنىڭ نەزەرىيەۋى شەكلى ھەم ئۇلۇغ ئەھمىيىتى نامايان قىلىنغان.

  بۇ توپلامدا نەزەرىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئايلاندۇرۇشقا كۈچەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، سىياسىي سۆزلەرنى ئىلمىي سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتە ئىزدىنىلگەن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر