سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى قارلىق تاغ جىلغىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 11 گىچە، قار كۆچكۈنى سەۋەبىدىن شىنجاڭ سانجى شەھىرىنىڭ ئاشىلى يېزىسى تاغلىق رايونىدا قاپسىلىپ قالغان 10 نەپەر تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قايتىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېنىك يارىلانغان ئىككى كىشى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، روھىي ھالىتى ياخشى. شىنجاڭ ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 5-ئاپرېل نۇرغۇن تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تاغقا چىققان، 6-ئاپرېل تاغدا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم قاپسىلىپ قالغان، 7- ئاپرېل قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاندىن كېيىن، 8-ئاپرېل ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى