باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى داۋىد بېكخام شاڭخەيدىكى بىر يەسلىنى زىيارەت قىلدى

2019.04.10 14:41   مەنبە: خەلق تورى

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى داۋىد بېكخام شاڭخەيدىكى بىر يەسلىنى زىيارەت قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى داۋىد بېكخام شاڭخەي شەھىرى چىڭپۇ رايونىدىكى شياڭخۇاچياۋ يەسلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ، بېكخامنىڭ ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق باش ئەلچىسى سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا جامائەت پاراۋانلىقى زىيارىتىدە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، بېكخام يەسلىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئويۇن ئويناپ، ئۇلارنىڭ دەرسخانا پائالىيىتىگە قاتناشتى، يەنە بەزى بالىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. يەسلىدىكى كۆپ ساندىكى بالىلار كۆچمە ئاھالىلەر ئائىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش پۇرسىتى تېپىش ئۈچۈن شاڭخەيگە كۆچۈپ كەلگەن.

  شياڭخۇاچياۋ يەسلىسى بولسا، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «ئويۇن ئارقىلىق پىسخىكىلىق ئېلاستىكىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» سىناق تۈرىنىڭ ئىككى جايدىكى يەتتە يەسلىنىڭ بىرى. بۇ تۈرنىڭ مەقسىتى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، بىخەتەر، سىغدۇرۇشچان ۋە مول بولغان بالىلار دوستلۇق مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئويۇن ئارقىلىق، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىشتۇر.

  بېكخام مۇنداق دېدى: مەن بالىلارنىڭ ئويناش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مۇشۇنداق بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەر بىر بالىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسى بولىدۇ، ياخشى بولغان دەسلەپكى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق. مەن جۇڭگودا شياڭخۇاچياۋ يەسلىسىگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئاپپاراتلارنىڭ بولۇشىنى، ھەربىر بالا ئۈچۈن سۈپەتلىك بولغان بالىلارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  داۋىد بېكخام 2005- يىلى ب د تبالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز بالىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ كەلدى. بېكخام باش ئەلچى بولغان 14 يىلدا، ئۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى بالىلارنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ نەق مەيدان خىزمىتىنى ئىگىلىگەن. 2015- يىلى، ئۇ «7: ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى داۋىد بېكخام فوندى»نى قۇرۇپ، بالىلارغا، بولۇپمۇ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو-قازاقىستان تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «كومپوزىتور» ناملىق فىلىم 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خە…
    ·ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئائىت ئون تۈرلۈك مىزانغا خىلاپلىق قىلغان تۆت …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تۆت چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئ…
    ·خەلق گېزىتىدە مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز تۆلەش قالايمىقانچىلىقى ئەڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدىن …
    ·دۆلىتىمىز ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە…
    ·2019- يىللىق بېيجىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سىياسىتى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشقۇرۇش رايونى ۋە مەكتەپ رايونى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىلگىچە نىسپىي م…
    ·ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا