باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۇەننىڭ 2019-يىللىق غەربىي قىسىم پىلانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.04.10 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. 2019-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىش ئورنىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ياكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە غەربىي رايون پىلانى بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرى تىزىملاتسا بولىدۇ.

  بىڭتۇەننىڭ غەربىي قىسىم پىلانى تۈرى مەملىكەت بويىچە تۈر ۋە يەرلىك تۈر دەپ ئايرىلىدۇ، ئوخشاش سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، مۇلازىمەت ئورنى بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەرلىرىگە تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى شى، شەھەرلىك تۇەن-مەيدان ئورگانلىرى، ليەندۈي، مەھەللە، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئىش ئورۇنلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئاساسىي مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق بەش مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىندى.

  مەملىكەت بويىچە تۈرلەرگە تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار غەربىي رايون پىلانى ھۆكۈمەت تورىغا چىقىپ تىزىملاتسا بولىدۇ، يەرلىك تۈرلەرگە تىزىملاتقانلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تۆۋەندىكى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقىغا ئەۋەتسە بولىدۇ: xbjhbtxmb@163.com

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر