خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى تۈرگۈن يېزىسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا ياۋا ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، خۇددى سۈرەتلەردىكىدەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا، كۈنەس ناھىيەسى تۈرگۈن يېزىسى ئۆرۈكلۈك جىلغىسىنىڭ 30 مىڭ مو يەردىكى ياۋا ئۆرۈك چېچەكلەشكە باشلىدى، چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە چېچەكلەش يۇقىرى مەزگىلىگە كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى