باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.04.10 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو-ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو- ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى ئېچىلغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ «سەككىز چوڭ ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇشنى بىردەك قارار قىلدى. جۇڭگو-ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى. جۇڭگو-ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىلىم-پەن ئاقىللار ئامبىرى بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ۋە جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ باشقا تەرەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر