باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدىكى «مىللىي ئارمىيە» پايتەخت تىرىپولى ئايرودرومىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى

2019.04.09 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق كۈچ «مىللىي ئارمىيە»نىڭ ھاۋا ئارمىيەسى 8-ئاپرېل پايتەخت تىرىپولىدىكى مىتىگا خەلقئارا ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلدى، ھازىر بۇ ئايرودروم تاقالدى.

  مىتىگا خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، ھاۋا ھۇجۇمى ئايرودرومنىڭ بىر ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنى زىيانغا ئۇچراتتى، لېكىن ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايرودروم تاقالدى، دېدى.

  لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىنى تىزگىنلەيدىغان «مىللىي ئارمىيە» مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ تىرىپولىغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، بۇ شەھەرنى تىزگىنلەيدىغان مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلدى.

  مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇرۇشتا ھازىرغىچە 25 ئادەم قازا قىلغان، 2800 دىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇش رايونىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

  2011-يىلى كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيە ۋەزىيىتى داۋالغۇپ قالدى. نۆۋەتتە ئىككى چوڭ كۈچ بۆلۈنمە ھالەتتە تىركىشىپ، نۇرغۇن رايونلار ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە تۇرماقتا. لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر غەربىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلارنى كونترول قىلماقتا؛ مىللىي قۇرۇلتاي شەرقىي قىسمىدىكى تۇبرۇكتا ئايرىم ھۆكۈمەت قۇردى، خافتار رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئارمىيە» ئىتتىپاقى شەرقىي قىسىم ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرى، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ۋە غەربىي قىسىمدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنى كونترول قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر