4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا «ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» تۈرى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى جەمئىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. سىرلىق ئاسمان جىسىمى قارا ئۆڭكۈرنى ئىنسانلار ئاخىرى «كۆردى».
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەچچە يۈز پەن تەتقىقات خادىمى ھەمكارلىشىشقا قاتناشقان «ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» تۈرى 10-ئاپرېل دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلار تارتقان قارا ئۆڭكۈرنىڭ تۇنجى رەسىمىنى ئېلان قىلدى.
سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چىلىنىڭ سانتىياگودا، «ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» تۈرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى