باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ 10 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويدى

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كىچىك ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان» بېرىپ ئالغىلى بولىدۇ

بەش خىل كەسىپ باشقا جايدا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىلىدۇ، بەش تۈرلۈك مۇلازىمەت قولايلىق، تېز بېجىرىلىدۇ

2019.04.11 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 11-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ 10 تۈرلۈك يېڭى تەدبىرى ۋە 2018-يىلىدىن بۇيانقى ئالاقىدار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەدبىرلەر بەش خىل كەسىپنى «باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىش»، بەش تۈرلۈك مۇلازىمەتنى «قولايلىق ، تېز بېجىرىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، ئاپتوموبىل تىزىملاش-تەكشۈرۈش قاتارلىق بەش خىل كەسىپنى «باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىش» ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  كىچىك ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىدە «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان» يولغا قويۇلىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ كىملىكى بىلەن مەملىكەت بويىچە خالىغان بىر جايدا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تۇرالغۇ تىزىملاش ئىسپاتىنى تاپشۇرمايمۇ، مەملىكەت بويىچە «بىر كىنىشكىنى بىر تۇتاش ئىمتىھان بېرىپ ئېلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  تارماق پەن ئىمتىھانىنى باشقا جايدا بېرىشكە بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىمتىھان بېرىپ، بىر قىسىم پەنلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشقا جايغا يۆتكىلىپ كەتكەن بولسا، ئىمتىھان ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئېشىپ قالغان پەنلەرگە داۋاملىق قاتناشسا بولىدۇ، بېرىپ-كېلىپ ئىمتىھان بېرىشنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ.

  چوڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولىدۇ. ئۆلكە (رايون) ئىچىدە باشقا جايدا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى كىملىك بويىچە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تۇرالغۇ تىزىملاش ئىسپاتىنى قايتا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

  يۆتكەش رەسمىيىتىنى باشقا جايدا بېجىرگىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇچۇرىنى توردا ئەۋەتىش نۇقتىدا سىناق قىلىنغان 15 شەھەردىن 120 شەھەرگە كېڭەيتىلىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەر ئارىسىدا نوپۇس تەۋەلىكىنى يۆتكىمەكچى بولغاندا، ئاپتوموبىلنى يۆتكەپ بارماقچى بولغان جايغا بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كۆچۈرۈپ كەتمەكچى بولغان جايدىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئارخىپ ئېلىش، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈتۈش ھاجەتسىز.

  موتوسىكلىت تەكشۈرۈتۈشتە «مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىلنى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان ئاساستا، موتوسىكلىتنى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ باشقا جايدا تەكشۈرۈش يەنىمۇ قويۇۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رويخەتكە ئېلىنغان ۋاقتى ئالتە يىل ئىچىدىكى موتوسىكلىتلارنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈش ھاجەتسىز.

  ئاپتوموبىلنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش، ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى تارقىتىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مۇلازىمەتنى «قولايلىق، تېز بېجىرىش»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:

  رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشتا «ئىككىنى ئاددىيلاشتۇرۇش» يولغا قويۇلىدۇ. ماتېرىيال ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ، سودا بانكىسى، ئاپتوموبىل پۇل مۇئامىلە شىركىتى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بولسا، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى قايتا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇ، تامغا بېسىلغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ، رەنە توختامىدا ئېلېكتىرونلۇق تامغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ ھەمدە رەنە ئۇچۇرىنى تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھالقىلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنىگە قويۇشنى ۋاكالىتەن تىزىملاشنى يولغا قويۇپ قەرز بېرىش، رەنىگە قويۇش، تىزىملاش قاتارلىقلارنى بىر جايدا بېجىرىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئەسلىدىكى نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىشتە يېڭىدىن «ئىككى قولايلىق» كۆپەيتىلىدۇ. نومۇر تاختىسى نومۇرىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىر ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۆز نامىدىكى ئوخشاش نومۇردىكى غەيرىي تىجارەت ئاپتوموبىلىدا بىر قېتىم نومۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەسلىدىكى نومۇرنى ۋاقىت ئۇزارتىپ ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ، ئەسلىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، كۆچۈپ كەتكەن ياكى ئىگىسى ئالماشقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى نومۇرنى ساقلاپ قېلىش ۋاقىت چېكى بىر يىلدىن ئىككى يىلغا تەڭشىلىدۇ.

  ۋاقىتلىق يۈرۈش نومۇر تاختىسىنى تارقىتىشنى «S4 دۇكىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش» يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل ۋاقىتلىق يۈرۈش نومۇر تاختىسىنى S4 دۇكىنى ۋاكالىتەن تارقىتىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ نەق مەيداندا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىغا، نەق مەيداندا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئۇچۇرلىرىنى «تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش» يولغا قويۇلىدۇ. باج تارماقلىرى ئۇچۇر بىلەن تورلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى ئۇچۇر تورىدا يەتكۈزۈش، توردا تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاممىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاشتا باج تۆلىگەنلىك قەغەز ئىسپاتى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز.

  قاتناش باشقۇرۇش ئاۋازلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى كېڭەيتىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى 12123 تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، قاتناش باشقۇرۇش كەسپىدە مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش، كەسىپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر