4-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جېڭجىڭ (سولدا) مۇسابىقىدە توپ تالاشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شەندۇڭ جىنەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا، شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2 دە 1 نەتىجە بىلەن مالايسىيا روۋفېي DT كوماندىسىنى يەڭدى. G گۇرۇپپىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا. بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 3 دە 1 نەتىجە بىلەن تايلاند ۋۇرىنان كوماندىسىنى يەڭدى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن F گۇرۇپپىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى 4 دە 0 نەتىجە بىلەن موربېن غەلىبە كوماندىسىنى يەڭدى، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى 3 دە 3 نەتىجە بىلەن، سېدنىي FC كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇ مۇسابىقە پەسىللىك ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن كەلگەن تۆت كۇلۇب ئىچىدە، بۇ قېتىمقى ئايلانمىسىدا ئۈچ كوماندا يېڭىپ، بىرى تەڭلىشىپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى