باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى سەنئەت دەرسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2019.04.12 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيەسى سەنئەت مائارىپىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردە سەنئەت مائارىپى، كەسپىي سەنئەت مائارىپى ۋە سەنئەت پېداگوگىكا مائارىپىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق ساھەنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېستېتىك تەربىيە ئوقۇش-ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەر سەنئەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىپ، ئاممىۋى سەنئەت دەرسلىرى بىلەن سەنئەت ئەمەلىيىتىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىگە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئاتلاپ ئاممىۋى سەنئەت دەرسىنى تاللاپ ئۆگىنىشى ۋە ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ بەلگىلىگەن ئاممىۋى سەنئەت دەرسى ئوقۇش نومۇرىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئاندىن مەكتەپ پۈتكۈزەلەيدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سەنئەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇق، ياخشى سەپلەپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئىستېتىك تەربىيە ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋانىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىستېتىك تەربىيە بىلەن ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە ۋە ئەمگەك تەربىيەسىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇش، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ كەسپىي ئوقۇتۇش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، جۇڭخۇانىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئالىي مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە رايونلار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر