باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، يۈننەن گۇڭشەندىكى دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسىنى ئىلھاملاندۇردى

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇرتنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرا رايوننى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتايلى

2019.04.12 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-چېسلا يۈننەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئاممىغا جاۋاب خەت يېزىپ، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ يېزىلىق پارتكومدىن كەلگەن خەتتە، بۇلتۇر دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى. يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقى دېيىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، سىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇيۇم، شۇنداقلا ئورتاق كۈرەش قىلىش نىشانىمىز. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۇلۇڭ مىللىتى ئوت يېقىپ يەر ئىسسىتىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئىپتىدائىي تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۇلۇڭ مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان نامراتلىق ئەھۋالىدىن قۇتۇلدى. بۇ شۇنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىرىنچى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا. يۇرتداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇرتىنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرا رايوننى ياخشى قوغداپ، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  (جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم تارقىتىلدى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر