باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى 2-قېتىم مەركەزلىك ئېنىقلاش خىزمىتىنى تاماملىدى

2019.04.12 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. «قارار»نىڭ ئېلان قىلىنىشى 2018-يىلى 11-ئايدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى 2-قېتىم مەركەزلىك ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەركەز ئېنىقلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىن 54نى بىكار قىلىپ، 56نى كۈچتىن قالدۇرۇشنى، سەككىزنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى 14 نىزامىغا بىر قاتار تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئېنىقلاش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ بىرلىكى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەركىزىي كومىتېت ئەمەلدىن قالغان ۋە كۈچتىن قالغان قانۇن-نىزام ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىش قارار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى بىردەك توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىنغان قانۇن-نىزام ھۆججەتلىرىگە قارىتا، مەركەز ۋە ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر