باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

23 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى يېنىك قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى (سىياسەت يەشمىسى)

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى خەن شىن

2019.04.12 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ئالتە جەھەتتىكى 23 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇنىڭدىكى قايسى يارقىن نۇقتىلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟ يەنە قايسى خىل سىياسەت ئېففېكتى قويۇپ بېرىلىدۇ؟سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ سۇئاللارغا چۈشەنچە بەردى.

  «پىكىر»دە "ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىش" بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات خاراكتېرى كۈچلۈك.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەزكۇر «پىكىر» بولسا، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال ھۆججەت بولۇپ، ئۇ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مىزان ۋە كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

  «پىكىر»دە "ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىش" بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى، ھەمدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇشتەك مەسىلىنى ھەل قىلىش، مالىيە-باج جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتقا بولغان فۇنكسىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسى، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، باج يۈكى ئېغىر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پىكىر-تەدبىرلەردە بىر قەدەر زور يېڭىلىق يارىتىلغان.

  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش جەھەتتە، تارماق ۋە كىچىك بانكىلارنىڭ قايتا قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنى تەتبىقلاش دائىرىسىنى يېڭىچە ئالاقە تورى بانكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارغىچە كېڭەيتىش كېرەك. يەككە ئائىلىلەرگە بېرىلگەن ئىناۋەت سوممىسى 10 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئېلىم-بېرىم قولايلىق بولغان لاياقەتلىك كېپىللىك بۇيۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلار ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن، مەبلەغ چەكلىك بولغانلىقتىن، كۆپ ھاللاردا بانكىنىڭ قەرز بېرىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدۇ. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ دېسەي مۇنداق دېدى: بۇ ئىش ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار چوقۇم ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەقدارلىق سالاھىتى بويىچە مەركەز بانكىسىغا قايتا قەرز بېرىىش ۋە مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىش سالاھىتىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارنىڭ قەرز بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، 3- تەرەپ ئاپپاراتىغا ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى قەرەللىك باھالاشنى ھاۋالە قىلىش

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقسان نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك .

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش بولسا، قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. «پىكىر»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، 3- تەرەپ ئاپپاراتىغا ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى قەرەللىك باھالاشنى ھاۋالە قىلىش ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك .

  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە 3- تەرەپ ئاپپاراتىنىڭ نازارەتچىلىكىدىن باشقا، مياۋ رۇڭ يەنە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، سىياسەتنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ۋاقتىدا تەڭشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر