باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن ئىمىرباقى 5- نۆۋەتلىك خەلقئارا شىمالىي قۇتۇپ مۇنبىرىگە قاتناشتى

2019.04.11 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ئۆمەك باشلاپ رۇسىيەنىڭ سانت پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5- نۆۋەتلىك «شىمالىي قۇتۇپ-سۆھبەت رايونى» خەلقئارا شىمالىي قۇتۇپ مۇنبىرىگە قاتناشتى، ھەمدە مۇنبەرنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، ھەم شۇنداقلا «شىمالىي قۇتۇپ: قارشىلىشىش ياكى ھەمكارلىشىش سەھنىسى»نىڭ تارماق مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرىدىكى ئالاقىدار مەيدانىنى بايان قىلدى. مۇنبەر مەزگىلىدە، ئەركىن ئىمىرباقى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە زۇڭتۇڭىنىڭ يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى تروتنېف بىلەن كۆرۈشتى .

  «شىمالىي قۇتۇپ-سۆھبەت رايونى» خەلقئارا شىمالىي قۇتۇپ مۇنبىرى سىستېمىسى بولسا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ 2010- يىلدىكى تەشەببۇسى بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، شىمالىي قۇتۇپ مەسىلىسى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم ۋە كۆپ تەرەپلىك بىر سۇپا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر