باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمە تارقاتتى

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ

2019.04.15 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى چەكلەشكە دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «بەلگىلىمە»نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، «دۆلەت ئىلمى»، «ئاياللار ئەخلاقى» مائارىپى قاتارلىق ناملار بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك مائارىپ، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئايرىم ئاتا-ئانىلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلەر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا ياكى ئۆيدە ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بېرىپ، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلماي، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ قانۇن بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملىغان كەسىپ دائىرىسى بويىچە تەربىيەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشى شەرت، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ؛ ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ياكى ئېلانى چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش ئاپپاراتىغا ئاپىرىشقا ئېزىقتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ؛ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا خىلاپ تەربىيەلەش مەزمۇنى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، «دۆلەت ئىلمى» نامى بىلەن «ئۈچ بويسۇنۇش، تۆت ئەخلاق»، يەر شارائىتىغا قاراش، پال سېلىش قاتارلىق فېئوداللىق سەپسەتىنى ئۆگىتىشكە يول قويۇلمايدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويغان مەكتەپلەرگە ياكى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويسا بولىدىغان ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن سىرت، باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر