باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئادىمىيەت بەلبىغىنى يەنىمۇ چېڭىتىش ئۈچۈن، ئافرىقىلىقلار جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنى قۇرۇش ئۈستىدە قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

2019.04.12 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 4-ئاينىڭ 10 -كۈنى ئاياغلاشتى.

  ئىگىلىنىشچە: جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورنى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مول تەتقىقات كۈچى ۋە ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تايىنىپ، كۆپ خىل شەكىل ۋە يوللار بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تەتقىقات، ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش، تارقىتىش بىر گەۋدىلەشكەن خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردىكەن.

  تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو ـ ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. موزامبىكنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سىسنو مۇنداق دېدى: بۇ يەر شارى ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ بۇ رامكىغا تايىنىپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، خەۋپسىزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

  بۇندىن يەتتە ئاي بۇرۇنقى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى «سەككىز چوڭ ھەرىكىتى» نى يولغا قويۇشنى بىردەك قارار قىلدى. جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى قۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  مالى باماكو ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە باشقۇرۇش داشوسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ساماك مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىرلەشمە تەتقىقات جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان «تەجرىبىخانا» غا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇھىم مەقسىتى.

  بايلىقى مول، نوپۇسى كۆپ، لېكىن ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىقتىن ئىبارەت، ئافرىقىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان دەسلەپكى چاغلىرىغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى. تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبلىرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  سېنگال ئافرىقىنىڭ دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە سوتسىيالىزم پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ساۋانې مۇنداق دەپ ھىسابلىدى : جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە خەلقئارا ئورۇنغا ئېرىشەلىشى كۈچلۈك سىياسىي رەھبەرلىك كۈچىگە تايانغانلىقتىن بولدى، بۇ دەل ئافرىقىدا كەم. كۈچلۈك سىياسىي ئارزۇ بولغاندىلا، ئاندىن توغرا ئارزۇنى مۇجەسسەملىگىلى ھەمدە ھەرىكەتتە تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا غايەت زور سەكرەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بايلىق ئوبوروتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. سېنگال مەمۇرىي شويۇەنىنىڭ باشلىقى فورت مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشمۇ «سېنگالنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، لېكىن سېنگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى مەبلەغ ۋە تېخنىكا يېتىشمەسلىك قاتارلىق بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى.

  بەختكە يارىشا، بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىنى تېخىمۇ ياخشى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. فورت «چېس - تۇبا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى» نى مىسالغا ئېلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى قۇرۇشقا قاتناشقان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان سېنگالنىڭ مەركىزىي رايونى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلىرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئادەملار ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ شۇ كۈنى بېرىپ كېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ياردىمى بولمىسا، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تاماملىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى دېدى.

  بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، زور بىر تۈركۈم جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق تۈرلىرى ماكانلىشىپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىغا قارا سۈركىمەكچى بولغان « شاۋقۇن سۇرەنلەر » پەيدا بولدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق ھىسابلىدى : جۇڭگو ئافرىقا تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توغرا جۇڭگو قارىشى، ئافرىقا قارىشى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئىستىقبالى بار.

  بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمما نامراتلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرمەيدۇ. خىسانو مۇنداق دېدى : جۇڭگو ئافرىقا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا كۆڭۈل بىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسلىنى ھەل قىلىدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ دەل ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر