- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى تۈرىنىڭ مۇدىرى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى ئارقىلىق قارا ئۆڭكۈرنى سۈرئەتكە ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى
2019.04.12 14:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» تۈرىنىڭ مۇدىرى شېپېرد دۇرلېمان 4-ئاينىڭ 10 -كۈنى ئۇلارنىڭ قارا ئۆڭكۈرنى تېخىمۇ ياخشى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، يەر يۈزى تېلېسكوپى ئاساسىدا ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپىنى كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : ھازىر قارا ئۆڭكۈرنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن يەر شارىنىڭ ئايلىنىپ مۇۋاپىق ئورۇنغا كېلىشىنى ساقلاش كېرەك، ئەگەر يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ئالەم تېلېسكوپى بولسا، مەۋھۇم تېلېسكوپتىكى «ئاق قالغان ئورۇن»نى تېزلىكتە تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگو «قىممەتلىك» ھەمكارلىق شېرىك بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئانتېناسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئىلىپ چىقالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر