باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى دۇبروۋنىك پىروگراممىسى

2019.04.15 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، 8-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى كرودىيەنىڭ دۇبروۋنىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. كرودىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ئاندرې پۇلېنكوۋىچ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ئېدى لاما، بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېنىس زىۋىسدچ، بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بويكو بولىسوف، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ئاندرې بابىش، ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى يۇرى راتاس، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ۋىكتور، لىتۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى شوليوس سكۋېنېلس، قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى دۇشكو ماركوۋىچ، شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى زوران زائېف، پولشا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ماتېئوس مولاۋىسكى، رومىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ۋىئولىكا دېنچىل، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ئاننا بۇرنابىچ، سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى پېتېر پېللېگرىنى، سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مارىيان سارېتس، لاتۋىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېدگاس لىنكىۋېچىس يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر كرودىيەنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئاۋسترىيە، بېلارۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گرېتسىيە، شىۋېيتسارىيە، ياۋروپا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسى كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «16+1 ھەمكارلىقى» دېيىلىدۇ) قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەسلەپ، «جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى سوفىيە پىروگراممىسى» ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. «16+1 ھەمكارلىقى» جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەمەلىي، پايدىلىق سۇپا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر