باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇردى

2019.04.15 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق ئائىلىلەرگە شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلاردىن شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىشنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى .

  مۇخبىرنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق ئائىلىلەرگە شەرەپ تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)نى تارقاتقاندىن بۇيان، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرگەن. 4- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 20 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىگە شەرەپ تاختىسى ئېسىپ، ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ھەربىيلەر كەسپىنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى ياراتتى. لېكىن، شەرەپ تاختىسى ئېسىش جەريانىدىمۇ بەزى مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى، مەسىلەن، بەزى رايونلاردا ئوبيېكتلار ئۆز ئالدىغا شەرەپ تاختىسى ئېلىۋېلىش، نوپۇسى شۇ جايدا بولمىغان ئۇزۇن تۇرۇش ئوبيېكتى ئۈچۈن شەرەپ تاختىسى ئاسماسلىق، مۇراسىم تۇيغۇسى ۋە تەشۋىقات يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغان، بۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئوبيېكتىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزگەن.

  بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، يېقىندا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، «يولغا قويۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شان-شەرەپنى نامايان قىلىش، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، خىزمەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ شەرەپ تاختىسىنى تولۇق ئېسش لازىملىقىنى، ئۆلكىلەردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى (ئىدارىسى) ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر