باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش» تەكىتلەندى

2019.04.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 11-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 10-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئۆز كۈچىگە تايىنىش بايرىقىنى يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، چاۋشيەننى باش ئەگدۈرمەكچى بولغان دۈشمەن كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەننىڭ شارائىتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، چاۋشيەننىڭ ئۆز كۈچى، تېخنىكىسى ۋە بايلىقىغا تايىنىپ مۇستەقىل مىللىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئاساسىي سىياسىي ۋەزىپىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى گۈللىنىشنىڭ شەمشىرى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، ئومۇمىي خەلق كەسكىن ھالدا ئومۇمىي زەربىدارلىق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك، بۇ، پارتىيە 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسىي روھى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كىم جوڭئۇن يىغىنغا 14-نۆۋەتلىك ئالىي خەلق يىغىنى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنماقچى بولغان چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى، ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتى، ئىچكى كابېنت قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىل قىلىنىش لايىھەسىنى تاپشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ بىردەك ماقۇللىشىغا ئېرىشتى. يىغىندا يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەزاسى ۋە كاندىدات ئەزاسى قاتارلىق خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن 14-نۆۋەتلىك ئالىي خەلق يىغىنىنىڭ 1-يىغىنى 11-چېسلا پيۇڭياڭدا ئېچىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر