باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېنىقلاش ئارقىلىق قانۇن-نىزام ھۆججەتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

2019.04.12 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىش، كۈچتىن قالغانلىقىنى ئېلان قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى، بۇ، مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى 2- قېتىملىق مەركەزلىك ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئېنىقلاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ، «ئىككىنى قوغداش» تۈزۈمىنىڭ كاپالىتىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈملەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مىزانى، ئەگەر ماسلىشالماسلىق، ماسلاشتۇرماسلىق، جىپسىلاشماسلىق، بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسا، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. بۇ تۈزۈم مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ئېنىقلاپ ھەل قىلىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈملەردە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، «ئىككىنى قوغداش» تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

  بۇ، ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. «ھۆججەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىش» مەسىلىسى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلە. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مەركەز قاتلىمىدىن باشلاپ، ھۆججەتلەرنى قاتلاممۇ قاتلام زور دەرىجىدە ئىخچاملاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ھۆججەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىش»نى تۈزىتىپ، ھۆججەتنى «ئازايتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەم ھۆججەت تارقىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، «مىقدارىنى ئاشۇرۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەم مەركەزلىك ئېنىقلاش ئارقىلىق «ساقلانما» مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەزلىك ئېنىقلاش يەنە ھۆججەتلەرنىڭ «بەدەن چېنىقتۇرۇش» ىنىڭ مۇھىم يولى. ۋاقتى ئۆتكەن قانۇن- نىزام ھۆججەتلىرىنى مەركەزلىك ئېنىقلاش، بىكار قىلىش ئارقىلىق، تۈزۈم توقۇنۇشۇش، ئۇرۇشۇش ھادىسىلىرىنى تازىلاپ، يېڭى نەزەرىيە ئەمەلىيىتى نەتىجىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈم ھۆججەتلىرىگە تولۇقلاپ قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن- نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنىيەتلىك دەۋر خاراكتېرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر