خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تاماشىبىنلار رۇسىيە دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيىدا ساقلانغان ئاسارئەتىقە لوڭقىسى شەكلىدىكى چەينەك (ئوڭ)نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيى 12 دۆلەت مۇزېيى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئالاھىدە تەرەپلەر ئورتاق بەھرىمەن بولۇش − يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر مۇزېيلىرىدىكى سەرخىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» بېيجىڭدىكى جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيدا باشلاندى. كۆرگەزمىدە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى 234 مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارقىلىق، دۆلەتلەر ئارا مول، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاقىسى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى