خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1952-يىلى يېڭى جۇڭگو تۇنجى قېتىم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن تارتىپ، 2015-يىلى بېيجىڭ بىلەن جاڭجياكوۋ بىرلىكتە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكىچە يېڭى جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، قاتناشقاندىن تارتىپ يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقىچە ئومۇميۈزلۈك بۆسۈشلەرنى ھاسىل قىلىپ، شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 1952-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە 15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى جۇڭگو تۇنجى قېتىم 40 كىشىلىك تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇردى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا كۆتۈرۈلدى.
سۈرەتتە: 1952-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى خېلسىنكىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى