باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ سەنيۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2019.04.12 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 11- ئاپرېل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ سەنيۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار ۋاڭ سەنيۈنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەم 4 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ ۋاڭ سەنيۈن پارا ئالغان پۇل-مال ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار ۋاڭ سەنيۈن 1993-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، ج ك پ گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ گۇيجۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، ج ك پ گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شۇنىڭدەك ج ك پ فۇجيەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، ج ك پ گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق خىزمەت ھوقۇقى ياكى مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، بىۋاسىتە ياكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى قاتارلىق مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 66 مىليون 856 مىڭ 610.9 يۈەنلىك پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

  جېڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ۋاڭ سەنيۈن دۆلەت خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم خىزمەت ھوقۇقى ۋە مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، باشقىلارنى نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، قانۇنسىز ھالدا باشقىلاردىن پۇل-مال ئالغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ۋاڭ سەنيۈن دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان بولۇپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان؛ باشقا چوڭ دېلولارنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغان، زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بار؛ جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلغان، ھارام مالنى ئاكتىپ قايتۇرغان، ھارام پۇل، ھارام مال پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېلىنغان، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر