باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاۋ جىڭبو ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا

2019.04.15 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كۆزەتكۈچىسى، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاۋ جىڭبو ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

  جاۋ جىڭبونىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاۋ جىڭبو، ئەر، خەنزۇ، 1964- يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىن، 1985- يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  2000-يىلى 9-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتى پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  2002-يىلى 12-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان؛ 2008-يىلى 4- ئايدا، جىلىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  2008-يىلى 6-ئايدا جىلىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2011-يىلى 4-ئايدا، جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2012-يىلى 1-ئايدا، جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2014-يىلى 12-ئايدا، جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2017-يىلى 4-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2017-يىلى 7-ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛ 2018-يىلى 1- ئايدا، جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر