خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزايېۋ (ئوڭدا) زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزايېۋ 15-چېسلا تاشكەنتتە، زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى