باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەقلىدىي تەجرىبە سىزگە بۇ ئىشنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ

بىر ھەپتىدە ئۇدا ئىككى قېتىم بالا ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋال سادىر بولدى

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھاۋا سالقىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيداندا ماشىنا ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىش تەقلىدىي سىنىقى ئېلىپ باردى، 30 مىنۇتتىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ 39.6 سېلسىيە گرادۇسقا چىقتى، ئادەمدە نەپەس قىيىنلىشىش، باش قېيىش، سەپرا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى

2019.04.15 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، خۇنەن يىياڭدىكى بىر ئەر تۆت ياشلىق قىزى چى چىنى يەسلىگە ئاپىرىۋېتىپ، بىر تېلېفون ئالغاندىن كېيىن بالىنى ئاپىرىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بالىنىڭ ماشىنىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ پاجىئەلىك ۋەقە ئاتا-ئانىلارغا بالىنى ماشىنىدا يالغۇز قويۇپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

  چيەن جياڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئۇدا ئىككى قېتىم بالىنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالغانلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلغان، بۇ ئىش قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، چيەن جياڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى خاڭجۇ شەھىرى شاڭچېڭ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى جياڭجۇڭ ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەجرىبە ئىشلەپ، سىزگە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

  1-قۇتقۇزۇش دېلو مىسالى

  خاڭجۇ شەھىرى تۇڭلۇ ناھىيەسى:

  ئانا ئىش بېجىرگىچە، بالىنى ماشىنا ئىچىگە سولاپ قويغان

  23 ئايلىق بولغان ئوغۇل بالا ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن.

  4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 14 تىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇڭلۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چېڭنەن ساقچىخانىسى يېڭى زېمىن گۈللۈكى غوجىلىق ئامانلىق ساقلىغۇچىسىنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

  ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار بىر تەرەپتىن ۋەزىپىگە چىققاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن جىددىي ئالاقىلەشكەن، بىراق قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونى ئىزچىل «ئۇلانمىغان».

  بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن تۇڭلۇ ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى 110 دېلو مەركىزى دېلو مەلۇمات تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، بىر كىچىك بالىنىڭ ئاپتوموبىلغا سولىنىپ قالغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

  توڭلۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى شى جىشيەن چيەن جياڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىغا ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، مەن بىر ئاق رەڭلىك چېۋروللىت ماركىلىق پىكاپنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندا ئىككى - ئۈچ ياشلىق بىر بالىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى، بالىنىڭ چىرايى ئىنتايىن قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.»

  ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇزۇنغىچە ئالاقىلىشالمىغانلىقتىن، نەق مەيداندا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دېرىزىنى چېقىپ قۇتقۇزۇشنى قارار قىلدى.

  «ئىككىنچى قېتىملىق زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئوڭ ئارقا دېرىزىنى چېقىشنى تاللىدۇق. ئاپتوموبىل ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، بالا «ۋاھ» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

  شى جىشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئىشىكى ئېچىلغان ئاشۇ دەقىقىدە بىر خىل ئىسسىق دولقۇننىڭ يۈزگە ئۇرۇلغانلىقىنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى شۇ كۈنى سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى خېلى سالقىن ئىكەن، بولمىسا بەك خەتەرلىك بولاتتى.

  كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنىڭ تېلېفونى ئاخىرى ئۇلاندى. بالىنىڭ ئانىسىنىڭ فامىلىسى شۈ بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ پەقەت 23 ئايلىق بولغان ئوغلىنى ئېلىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىگە ئىش بېجىرگىلى بارغان، لېكىن بالا يولدا ئۇخلاپ قالغان، شۈ خانىم ئىش بېجىرىش ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن بولمايدۇ دەپ قاراپ، بالىسىنى يالغۇز ماشىنا ئىچىدە قالدۇرۇپ قويغان.

  2-قۇتقۇزۇش دېلو مىسالى

  چۈجۇ شەھىرى كېچېڭ رايونى:

  10 ئايلىق بالىنى ماشىنا ئىچىگە سولاپ قويغان

  دېرىزىنى چېقىپ بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققاندا، چاچلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى

  4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۈجۇ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى دېلو قوبۇل قىلىپ، شەھەر رايونى بىلىم يۇرتى ئوتتۇرا مەكتىپى ئەتراپىدىكى يول بويىدا، بىر بىپەرۋا ئانا ئېھتىياتسىزلىقتىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ماشىنىغا قويۇپ قويغانلىقى، ئاپتوموبىل ئىشىكى قۇلۇپلىنىپ ئاچالمىغاچقا، 10 ئايلىق بولغان بىر بالا ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

  نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان كېچېڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋېڭ پەيجاڭ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا بىز ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، قارشى تەرەپ ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۆيگە زاپاس ئاچقۇچنى ئالغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، بالا ئاق رەڭلىك تويوتا ماركىلىق پىكاپنىڭ شوپۇر ئورۇندۇقى ئۈستىدە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، يۈزى قىزىرىپ كەتكەن، يىغلاشقا مادارىمۇ قالمىغان ئىدى.

  قۇتقۇزۇش خادىملىرى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 31 قا يەتكەن، گەرچە چۈشتىن كېيىن بولسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا يەنىلا نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھىم ئېتىلگەن ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. 10 مىنۇت چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەلكىم ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن بىر بوۋاققا نىسبەتەن ۋاقىت قانچە ئۇزىراپ كەتسە، شۇنچە خەتەرلىك بولىدۇ.

  ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بۇ ئەھۋالغا قاراپ، دېرىزىنى بۇزۇپ ئادەم قۇتقۇزۇشنى قارار قىلدى. ئارقىدىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال دېرىزە چېقىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىپ، پىكاپنىڭ ئارقا ئىشىكىنىڭ ئەينىكىنى بۇزۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ بالىنى بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىقتى.

  بالا قۇتقۇزۇۋېلىنغاندا تەرلەپ، چاچلىرىمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر