باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھولوگرافلىق تاراتقۇ ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك تاراتقۇنىڭ يېڭى سىناقلىرى

«خەلق تورى» ناملىق يېڭىچە ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىملىق قاتنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2019.04.16 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرق ئاۋىياتسىيەسى تەرىپىدىن «خەلق تورى» دېگەن بەلگە رەڭلىرى پۈركەلگەن يېڭىچە ئايروپىلان بۈگۈن تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. (رەسىمگە قاراڭ، رەسىمنى خەلق تورى تەمىنلىگەن)، بۇ، MU564 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، ئۇ شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئۇچۇپ كەلدى.

  «خەلق تورى» ناملىق بۇ ئايروپىلان قاتنىشىنى شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن خەلق تورى بىرلىكتە يولغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، قوش قاناللىق كەڭ گەۋدىلىك A330—200 تىپلىق يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان تاللاپ ئىشقا سېلىنغان. ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ رەسىمىنى خەلق تورىنىڭ لايىھىلەش ئۆمىكى تەمىنلىگەن بولۇپ، لايىھىلەش ئىلھامى سۇمۇرغدىن كەلگەن. سۇمۇرغنىڭ مەنىسى ئايروپىلاننىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدۇ، ئۇ شۇنداقلا دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بەختىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئايروپىلان گەۋدىسى قىزغۇچ سېرىق رەڭ بىلەن تەڭشەلگەن بولۇپ، لايىھىلەش ئېلېمېنتى بولسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللار، «بىر بەلباغ، بىر يول»، تىنچلىق كەپتىرى ۋە جۇڭگو تۈگۈنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  «خەلق تورى» ناملىق تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، يولۇچىلار يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق خەلق تورىنىڭ سىن تېرمىنالى ARنى ئېچىپ، خەلق تورىنىڭ چىپار كود بەلگىسىنى سىكاننېرلىسا، نۇرغۇن سەرخىل سىنلىق كۆرمىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خەلق تورىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھولوگرافلىق تاراتقۇ ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك تاراتقۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭىچە بىر سىنىقى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق، خەلق تورىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ بىر ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىندى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، «خەلق تورى» ناملىق بۇ ئايروپىلان شاڭخەيدىن بېيجىڭغا بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، يولۇچىلارنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي ئايرودروملىرىدا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرۈشىدىن ئۈمىد بار .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر