خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە پايتەختىگە جايلاشقان پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىغا 15-چېسلا كەچتە ئوت كېتىپ، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ مۇنارى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئىمارەتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش توغرىسىدا دوكلات يوق.
پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئوت دەسلەپتە شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 18 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 16-چېسلا سائەت 0 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە) بايقالغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىغا بېرىش يولىدا، نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، بوشلۇقتا قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن. ئوت ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قويۇق ئىس-تۈتەك نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىمۇ كۆرۈنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى