سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەيدانىدا توسالغۇ مەشىقىنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتە. 4- قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونى بەيشىيى بازارلىق 2- باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوراللىق ساقچى قىسىم چۇڭچىڭ باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1- تارماق ئەترىتىنىڭ زاپاس چوڭ ئەترىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېقىن ئارىلىقتىن ھەربىي تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى.
4-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جايلار، تارماقلار بەس-بەستە تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
ئائىلە − ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت − مىليونلىغان ئائىلە. دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭلا ئىشى ۋە ياكى مەلۇم بىر ھۆكۈمەت تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئائىلە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ھىچكىم مۇناسىۋەتسىز كىشى ئەمەس، چەتتە قاراپ تۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەربىرىمىز نېمە قىلالايمىز؟ ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭنى كۈچەيتىش، ساۋات ئىگىلەشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى قىلىش ئەڭ مۇھىمدۇر.
بىرىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق دۆلەت بىخەتەرلىكى يوقالغاندا، مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش تەس. «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-رويۇڭ سامان بولماس»، ئەگەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، جەمئىيەت داۋالغۇپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارغا ئوخشاش ئىقتىساد خارابلاشسا، خەلق تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالدا قالسا، خەلق سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرسە، ھەتتا ھاياتى خەۋپ-خەتەر ئىچىدە قالسا، بەختلىك تۇرمۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ شۇڭا، دۆلەت بىخەتەر بولغاندىلا خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار بولىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى − پۇقرالارنىڭ ئەڭ «مۇقىم» بەختىدۇر.
ئىككىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. «خاتىرجەملىكتە خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا ھالاكەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىدارە قىلغاندا قالايمىقانچىلىقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك»، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى، ئەگەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى بولمىسا، باشقا ئىشلارنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ياكى بىزدىن ناھايىتى يىراق، دەيدىغان ئىدىيەنى تۈگىتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ھەرگىزمۇ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر كۈنلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»دىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر كۈنى چىڭىتىپ، ئۇنى قەلبگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېيىش ھەرگىزمۇ قورققانغا قوش كۆرۈنۈش، دەل-دەرەخنىمۇ دۈشمەن دەپ ئويلاش ئەمەس، ئاساسلىقى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ساۋاتلىرىنى ئىگىلەش كېرەك. دۆلەت بىخەتەرلىكى دەل ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا. بەزى ساۋاتلارنى ئىگىلىمىسەك، تەپسىلاتقا دىققەت قىلمىساق، بىلىپ-بىلمەيلا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى گۇمانلىق كىشىلەر تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پەن- تېخنىكا، ئىقتىساد، كارخانا قاتارلىق ئەھۋاللارنى توپلىغاندا، بەزىلەر ھوشيارلىقىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى سەۋەبلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ بەزى فوتوگرافىيە ھەۋەسكارلىرى ھەربىي بازا ئەتراپىغا بېرىپ سۈرەتكە تارتىپ، يەنە سۈرەتلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە خالىغانچە چىقارغانلىقتىن، ھەربىي مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ساۋاقلارنى چوڭقۇر ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر بەزى زۆرۈر بىلىم، خەۋپ-خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆگەنگەندىلا ۋە ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى − دەل پۇقرالارنىڭ بەختىدۇر. ھەر بىرىمىز خاتىرجەملىكتە خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، كاللىمىزغا، قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى