باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

2019- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ

نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرىدىن پەقەت «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇش» دېگەندەك بەشلا تۈر ساقلاپ قېلىنىدۇ

2019.04.16 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىنىش ۋاقتى چوقۇم مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھان تۈرلىرى نامى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىمتىھانلارنىڭ ئېلىنىش ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇقتۇرۇشقا بىنائەن، كونكرېت ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىنىش ۋاقىتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: 6- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 9:00دىن 11:30غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئىمتىھان تۈرى: تىل-ئەدەبىيات؛ سائەت 15:00دىن 17:00گىچە، ئىمتىھان تۈرى: ماتېماتىكا. 6- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 9:00دىن 11:30 غىچە، ئىمتىھان تۈرى: ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال \ تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسال؛ سائەت 15:00دىن 17:00 گىچە، ئىمتىھان تۈرى: چەت ئەل تىلى.

  ئەسكەرتىش: چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ "ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش"دەيدىغان مەزمۇنى بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شۇ مەزمۇن قىسمى چوقۇم چەت ئەل تىلى يېزىقچە ئىمتىھانى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىنىش ۋاقتى چوقۇم مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھان تۈرلىرى نامى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىمتىھانلارنىڭ ئېلىنىش ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

  ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇر تورى (http://gaokao.chsi.com.cn)نىڭ " قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى" ناملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىغا يوللايدۇ؛ ئالاقىدار تارماقلار 5- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزىگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

  بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسىغا دەرىجىمۇ دەرىجە ئىمزا قويۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى سەپكە ئۆزلىرى بېرىپ قوماندانلىق قىلىپ، ئۆتكەلنى ئۆزلىرى ئىگىلەپ، ئۆزلىرى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۆزلىرى نازارەت قىلىشلىرى كېرەك .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ باشلىرىدا باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرسقا تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە باشلىنىدۇ، ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ .

  نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرىدىن پەقەت «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇش» دېگەندەك بەشلا تۈر ساقلاپ قېلىنىدۇ

  2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن ئىدى: يەنى، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە ئىقتىدارى بولغان ئوقۇغۇچىلار، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەنلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىچىلىرى، پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى مۇسابىقىچىلار، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىدىيە-سىياسىي ئەخلاق جەھەتتە گەۋدىلىك ئىش-ئىزلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلار دېگەندەكلەرگە مەملىكەت خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دېيىلگەن ئىدى.ئۆتكەن يىلقى بۇ سىياسەت بۇ يىلمۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، (يەنى ئۇ تۈرلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ.) ئەمما، نومۇر قوشۇش تۈرلىرىدىن پەقەت «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇش» دېگەندەك بەشلا تۈر ساقلاپ قېلىنىدۇ.

  «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2019- يىللىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»دە، مۇخبىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇننى كۆزگە چېلىقتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئۇلارنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا بەلگىلىك نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، دېيىلگەن. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار بولسا، چېگرا رايون، تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايون ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون دېگەندەك رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى؛ ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر ئوقۇغۇچىلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى پەرزەنتلىرى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئوخشاش بىر ئىمتىھان بەرگۈچى ئەگەر نۇمۇر قوشۇپ بېرىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك دەرىجە شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر تۈرى بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما، قوشۇپ بېرىلىدىغان ئومۇمىي نومۇر 20نومۇردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

  ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەردىن ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىش دەرىجىسىگە سېلىپ نومۇر قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەزگىلىدە شەرەپ بىلەن 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى ئۇرۇش رايونى (ئەسلىدىكى چوڭ ھەربىي رايون)دىن يۇقىرى ئورۇنلار تەرىپىدىن شەرەپ نامى بېرىلگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە قارىتا، ئۇلارنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ بېرىش دەرىجىسىگە سېلىپ نومۇر قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر