- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ فرانسىيەدىكى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2019.04.17 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 16- كۈنى فرانسىيەدىكى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، بارلىق فرانسىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى بولسا، فىرانسىيە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سىمۋولى، ھەم شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو خەلقى فرانسىيە خەلقىگە ئوخشاش، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدىن قاتتىق قايغۇردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، فرانسىيە خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدا، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كېلىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ..
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر