باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.17 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «توسۇش نۇقتىسى»نى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئاغرىق نۇقتىسى»نى تۈگىتىپ، تەرەققىيات توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، بازار مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلغان، كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2022-يىلىغا بارغاندا ھەممە كىشىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ياشانغانلارنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، ياشانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئالتە جەھەتتىكى 28 كونكرېت سىياسەت-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى باج-ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىش، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ دەل جايىدا بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆلەملىشىشى، زەنجىرسىمان تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىككىنچى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاساسلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ زايوم تارقىتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنىڭ پۇقراۋى مۇئامىلىسىنى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈچىنچى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاساسلىقى كۈتۈنۈش پەرۋىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ۋە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدە تەقدىرلەش مېخانىزمى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تۆتىنچى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى كېڭەيتىش كېرەك. بۇ، ئاساسلىقى ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياشانغانلار ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بەشىنچى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسلىقى كۈتۈنۈش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلە، مەھەللە ۋە ئاپپاراتلارنىڭ كۈتۈنۈش يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئالاقە تورى+كۈتۈنۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلار مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالتىنچى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، ئاساسلىقى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى (ياشانغانلار ساناتورىيەسى)نى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، پۇقراۋى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ياشانغانلار ئائىلىسىنىڭ ياشانغانلارغا مۇۋاپىق كېلىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى رايونلارغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش پىلان قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە قارىتا يەر بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر