باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2019.04.16 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى. بۇ نىزام 2019- يىل 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ قېتىم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، بۇ خىل ئاشكارا تۇتۇش ئىشى سان جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھەمدە سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئەلالاشتى؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇشقا بولغان ئېھتىياجىغا پائال تۈردە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، نەتىجىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش خىزمىتىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ۋە يېڭى نەتىجىلەر نامايان قىلىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

  بىرىنچىسى، ئاشكارا تۇتۇشنى دائىملىقلاشتۇرۇشتا ۋە ئاشكارىلىماسلىقنى "مۇستەسنا ئەھۋال" دەپ بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاشكارا تۇتۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچىسى، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى بويىچە ئاشكارا تۇتۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشكارا تۇتۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز ساندىكى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى نامۇۋاپىق يۈرگۈزۈشى ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى زۆرۈرىي يوسۇندا قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىسى، خەلققە قولايلىق بولغان مۇلازىمەت تەلىپىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا تۇتۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر