باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ

2019.04.16 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ» ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز بوشلۇققا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئىدىيەنى قوزغىتىش، پەزىلەتنى تاۋلاش، قەلبنى ئىللىتىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيەت خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە.

  ماقالىدە يېڭى ۋەزىيەتتىكى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇش. تۆتىنچى، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر