باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشى مۇقىم بولدى، بازار ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلدى

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى لۇ يانەن

2019.04.18 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 17- كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 1- پەسىللىك سانلىق مەلۇماتى سىرتقا ئېلان قىلىندى: دەسلەپكى ھېساباتتا، 1- پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 21 تىرىليون 3433 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكى 4- پەسىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەڭلەشكەن.

  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بولۇپمۇ 3- ئايدىكى كۆپ ساندىكى كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ئاكتىپ ئامىللار تەدرىجىي كۆپەيدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار بولسۇن ياكى ئىستېمالچىلار بولسۇن، ھەم مەيلى دۆلەت ئىچىدىن بولسۇن ياكى خەلقئارادىن بولسۇن، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان مۆلچىرى ياخشى بولماقتا، بازار ئىشەنچىسى كۈچەيمەكتە.

  1- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى

  1- پەسىلنىڭ نەتىجىسىگە تەپسىلىي نەزەر سالساق، سانائەت، مۇلازىمەت كەسپى، ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇمىييۈزلۈك دېگۈدەك تېزلەشكەن بولۇپ، 1- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا ماس قەدەمدە تەڭ ئىلگىرىلەش ۋە پۇختا بولۇشتەك ۋەزىيەت بارلىققار كەلدى.

  ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولدى. بۇ يىل 1- پەسىلدە، GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكى 4- پەسىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، شۇنىڭ بىلەن تەڭلەشتى، بازار ئەھۋالى دەسلەپكى مۆلچەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولدى. بۇ يىل 3- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى. 1- پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 3 مىليون 240 مىڭغا يېتىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ %29.5ى ئورۇندىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

  مال باھاسى مۇقىم بولدى. 1- پەسىلدە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.8 ئۆرلەپ، مۆتىدىل ئۆرلەش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.2 ئۆرلەش بولۇپ، ئازراق ئۆرلەش يۈزلىنىشى ساقلاپ قېلىندى. ماۋ شېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش بىر قەدەر تولۇق بولۇش ۋە تەمىنلەش سۈپىتىدە ئۆسۈش بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا، باھانىڭ ئازراق ئۆرلىشى پۈتكۈل بازار ئېھتىياجىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھەم پۈتكۈل بازار ئېھتىياجىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ.

  كىرىمى مۇقىم ئاشتى. 1- پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەمەلىيەتتە %6.8 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت تېزلىشىپ، GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى كىچىكلىدى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى نىسبىتى 2.53 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.02 تۆۋەنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر