باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرىدرىخ بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.17 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 16-كۈنى خەلق سارىيىدا گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرىدرىخ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى ئورۇندا ھەرىكەت قىلدى.نۆۋەتتە بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ قالدى.جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە سودا چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى- ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ياخشى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  فرىدرىخ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى گېرمانىيە ـ جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر